封面

Bye Bye

Adila Sidik
歌词
播放歌曲
作词 : Adila Sidik
作曲 : Adila Sidik
编曲 : AbduwaliTohti
Bye bye
ئايال زاتى بولارمىش ساچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا
كۆيدۈرگەن سېنى
ئەقلىم بىلەن تاپقان مەن سېنى , سۆيگەن مەن سېنى ,
ھاياجانغا بىردەملىك ئېشىق مەناسىنى تاپماس 
سەۋرىم بىلەن يېمىرگەن سېنى , ئەيلەيمەن سېنى , كۈللەيمەن سېنى 
بىر شۇئارىم مەڭگۈ مېنىڭ ۋاپادارىم بول ھاي ھاي 
ۋاپا قىلمىغان شۇ يارغا بىرلا سۆزۈم بار bey bey
تاللىشىڭ باشقا بولسا ئەلۋەتتە مەن ھۆرمەتتە 
ئەممە مېنى ئالدىما زىنھار , بەزلىمە زىنھار , پەملىمە زىنھار …
ئىچ ئاغرىتىش ھاجەتسىز راسنى راس دە كەچۈرىمەن
كەچۈرمەيمەن ئەمما ئالدىساڭ , سايەم پايلىساڭ , ئاددىي چاغلىساڭ …
بىر شۇئارىم مەڭگۈ مېنىڭ ۋاپادارىم بول ھاي ھاي
ۋاپا قىلمىغان شۇ يارغا بىرلا سۆزۈم بار bey bey
 قەيسەر ئايال بولمىغىم تەس چۈشەنگەيمەن ھەر نەپەس 
بىلىمەن ھەم ئەتراپىڭدا نازۇنىنلا كەم ئەمەس 
تاللا دېسەڭ مەڭگۈ تاللاي غوروغىمنى , قەدرىمنى 
قەدىرسىز نە مۇھەببەت ئۇ ئوڭدا قويما ئەجرىمنى 
بىر شۇئارىم مەڭگۈ مېنىڭ ۋاپادارىم بول ھاي ھاي!
ۋاپا قىلمىغان شۇ يارغا بىرلا سۆزۈم بار bye bye